تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 973|ئىنكاس: 1

قانداق قىلغاندا بالىلاردا ئۈمىدۋار پسىخىكىلىق ھالەت يېتىلدۈرگىل...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

15

يازما

70

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
70
قانداق قىلغاندا بالىلاردا ئۈمىدۋار پسىخىكىلىق ھالەت يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟


1. ئەمەلىيەتنى قوبۇل قىلىش- ئۈمىدۋارلىققا قاراپ بېسىلغان تۇنجى قەدەم.
(1) بالىڭىزدا ئۈمىدۋار خاراكتېر يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن ئۇنى تۇرمۇشتىكى كېلىشمەسلىكلەرگە ئەندىشىسىز يۈزلەندۈرەلەيسىز.
(2) بالىڭىز ھەرقاچان تەمكىن كەيپىياتىنى ساقلىيالايدىغان بولسۇن.
(3) بالىلار نۇرغۇن زېھنىنى بىھۇدە ئەنسىرەشلەرگە سەرپ قىلىۋەتسە، تەبىئىي ئىقتىدارلىرىنى نورمال جارى قىلدۇرالمايدۇ.
(4) يۇمۇرىستىك بولۇش قارىماققا ئادەتتىكى ئىشتەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە بالىڭىزنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان مۇھىم ئىقتىداردۇر.
ا ر.


2.  بالىڭىزغا مىننەتدارلىق ۋە كەڭ قورساقلىقنى ئۈگىتىڭ
(1)  ئىچى تارلىق بالىڭىزنىڭ بىر ئۆمۈر ئازاب ئىچىدە ياشىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.
(2) مېھىرلىك يۈرەك گۈزەل كەلگۈسىگە ئىنتىلىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى.
(3) ئەسكى خۇيلۇق بالا ھامان ئىش تېرىپ قويىدۇ، شۇڭا بالىڭىزغا ۋاقتىدا تەربىيە بېرىپ قىلىقسىزلىقلىرىنى تۈزىتىڭ.
(4) بالىڭىزنىڭ رەھىمسىز قىلمىشلىرىنى ۋاقتىدا چەكلەڭ.
(5)بالىڭىز مىننەتدارلىقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي مەنىدە ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ.


3.  بالىڭىزدا مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنەلەيدىغان ئىرادە بولسۇن.
(1) بالا يارىلىشىدىلا ئاجىز، شۇڭلاشقا ئۇنى مەغلۇبىيەتكە توغرا قارىيالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەڭ.
(2) بالىڭىزنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاشقا سەل قارىماڭ.
(3) مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى تېتىمىغان بالا جەمئىيەت ھاياتىغا كۆنەلمەيدۇ.
(4) ئۆزىگە ئىشىنىش ئۆزىنى كەمسىتىشنىڭ ئورنىنى ئېلىشى كېرەك.
(5) بالىڭىزنى داۋاملىق ئۆز مەغلۇبىيىتى سەۋەبلىك ئەيىبلىسىڭىز، ئۇ چوقۇم ئىقتىدارسىز ئادەم بولۇپ بولىدۇ.
(6) بالىڭىزنى ماختىغاندا، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتمەڭ.


4.  بالىڭىزنى ئۆزىنى قوغدىيالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەڭ
(1) بالىڭىزغا زۆرۈر بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئۆگىتىڭ، ھەرخىل زىيانكەشلىكلەرگە سوغۇققان ئىنكاس قايتۇرالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەڭ.
(2) ئاتا-ئانىسىغا يۆلىنىپ قالغان بالا ھامان يىقىلىپ چۈشىدۇ.
(3) تىرىكچىلىك ئىقتىدارى كەمچىل بالا، ھامان تۇرمۇشقا يەم بولىدۇ.
(4) ھەددىدىن زىيادە قوغداش زىيانكەشلىككە باراۋەر.
(5) بالىڭىزنى ئازدۇرۇشلارغا سالماق مۇئامىلە قىلالىسۇن دېسىڭىز، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك «ۋاكسىنا»لارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئەملەپ تۇرۇڭ .


5.  بالىڭىز بۈيۈك غايىلەرنى تىكلەشكە جۈرئەت قىلسۇن
(1) غايە بولغاندىلا ئىجات قىلىش بولىدۇ.
(2) بالىڭىزغا «جۆيلۈش»لىرى سەۋەبلىك تەنبىھ بەرمەڭ.
(3) بالىڭىز بىرەر غايە تىكلىگەن ھامان، ئۇنى شۇ غايىسى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەڭ.
(4) بالىڭىزنىڭ «نېمە ئۈچۈن»لىرىنى رەت قىلسىڭىز، تەپەككۇر قاناتلىرىنى سۇندۇرغان بولىسىز.
(5) بالىڭىزنىڭ قىزىقىشلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ.(بالىڭىزنىڭ قىزىقىشلىرىنى قوللاپ بېرىڭ.)
(6) ئىجاد قىلىشقا ماھىر بالىنىڭ ئۆتكۈر مېڭىسى بار ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماڭ.


6.  بالىڭىزنى ياخشى بولغان ئالاقە ماھارىتى بىلەن تەربىيىلەڭ.
(1) ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئەدەپلىرىنى بىلىدىغان بالا، ياخشى كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتالايدۇ.
(2) گەپ-سۆزگە ماھىر بالىلار، باشقىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە زېھنىنى ئۆزىگە ھەممىدىن بەك جەلپ قىلالايدۇ.
(3) باشقىلارنى ھۆرمەتلىگىنىڭ ئۆزۈڭنى ھۆرمەتلىگىنىڭ.(ھۆرمەت قىلساڭ ئىززەت تاپارسەن.)
(4) ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، خاتالىقنىڭ يېرىمىنى تۈزەتكەنگە باراۋەر.
(5) ھەمكارلىق بىلىمدىنمۇ مۇھىم.
(6) زېھىن قويۇپ ئاڭلاشنى بىلىدىغان بالا، كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ.


7.  بالىڭىزغا پارچە پۇللىرىنى قانداق خەجلەشنى ئۆگىتىڭ
(1) بالا قانچە بۇرۇن پارچە پۇل بىلەن ئۇچراشسا ۋە ئۇنى خەجلەشنى ئۆگەنسە، چوڭ بولغاندا شۇنچە ئاسان پۇل تاپالايدۇ.
(2) بالىڭىزنىڭ بايراملىق پۇللىرىنى توغرا بىتەرەپ قىلىشىغا ياردەم بېرىڭ.
(3) پۇل يىغىش ئادىتى بالىڭىزغا بىر ئۆمۈر مەنپەئەت ئېلىپ كىلىدۇ.
(4) بېلىق تۇتۇپ بەرگەندىن، بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتكەن ياخشى.
(5) بالىڭىزدىكى قارىغۇلارچە بەس تالىشىشلارنى ۋاقتىدا تۈزىتىڭ.


8.  بالىڭىزنىڭ ئۆزىنى توغرا تونۇشىغا ياردەم بېرىڭ.
(1) بالىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئاكتىپ ئارىلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، باشقىلارغا ئارىلاشمايدىغان خۇيىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىڭ.
(2) ئۇزۇن مۇددەت خىجىلچىلىقتا ياشاش، بالىدا ئاسانلا ئۆزىنى كەمسىتىش ھېسسىياتىنى پەيدا قىلىدۇ.
(3) باشقىلاردىن زوقلىنىشنى بىلگەن بالا ئۆزىدىنمۇ زوقلىنالايدۇ.
(4) بالىڭىز كۈندە بىر ئارتۇقچىلىقىنى بايقىسۇن.
(5) ۋاز كېچىشنى بىلگەندىلا ئېرىشىش بولىدۇ.

___ئالىمجان مۇئەللىم

12

تېما

18

يازما

84

جۇغلانما

بېكەت تەھرىرى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
84
ۋاقتى: 2016-1-13 22:16:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ھارمىغايسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تورى سىزنىڭ ئەڭ توغرا تاللىشىڭىز!يۈتكەنلەرنى تاپايلى http://kizikix.com!

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2017-8-19 20:58 , Processed in 0.188733 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By 【未来科技 www.veikei.com】设计

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش