تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1054|ئىنكاس: 0

بالىلاردىكى راسچىللىق ئېڭىنى يېتىلدۇرۇش كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

18

يازما

84

جۇغلانما

بېكەت تەھرىرى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
84


بالىلاردا راستچىللىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش


3080999263_1_257_OUwyrPhK.gif

كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاتا – ئانىلار بىلەن ئائىلىدىكى باشقا ئەزالار بالىغا ياخشى ئۈلگە بولۇپ بېرىشى ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە ۋە باشقىلارغا سەمىمىي پوزىتسىيە تۇتۇشى ،
بالىنىڭ ئالدىدا گېپىدە ، ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇشى لازىم . ئاتا – ئانىلار باشقا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بالىغا بىردەك تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ
تۇرۇشى كېرەك . ئىمكانقەدەر بالىغا ئىشىنىش لازىم . بالىغا ئىشەنگەندە بالىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ ، ئۇنىڭ قىلغان ، ئويلىغانلىرىنى ئېيتىپ
بېرىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ . ئەكسىچە بولغاندا ئۇنىڭ غورۇرىغا بىۋاستە تەسىر يېتىپ راست گېپىنى ئېيتمايدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن . ئىشەنچ
ھېسسىياتى بالىنىڭ ئالغا ئىنتىلىش ئارزۇسىنى ئۇرغۇتىدۇ .
1 . بالىلارنى كۆپلەپ ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك
كۆپ ساندىكى ئاتا – ئانىلار بالىلىرى يالغان ئېيتسا ئۇرۇپ – تىللايدۇ . بۇ خىل جازالاش ئۇسۇلى بالىنى قورقۇنچاق قىلىپ قويىدۇ. قورقۇنچاقلىق بالىلاردا كۆرۈلىدىغان
ناچار پىسخىكىلىق ھالەت ھېسابلىنىدۇ . ئېغىر بولغاندا دىۋەڭلىك كېسىلىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ . بالىلار قورقۇنچاق بولۇپ قالغاندا خاتالىقنى يالغانچىلىق بىلەن
ياپىدىغان بولۇپ قالىدۇ ئۇرۇش – تىللاشلار يەنە بالىنىڭ غورۇرىغا ئازار بولىدۇ – دە ، بەزىدە قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ ، ئەكسىچە بالىنى
تېخىمۇ يالغانچى قىلىپ قويىدۇ . شۇڭا بالىدا قايتا – قايتا يالغان سۆزلەش كۆرۈلگەندە ، ئىشنى ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىلىرىغا ئىلھام بېرىشتىن باشلاش لازىم .
2 . تەربىيە بېرىش ئۇسۇلىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
بالىلاردا كۆرۈلىدىغان يالغانچىلىق ئادەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ھەرخىل بولۇپ ، بالىلارنىڭ يالغان ئېيتىپ ئالدامچىلىققىلىشى بەزىدە ئاڭسىز بولسا ، بەزىدە ئاڭلىق بولىدۇ
. ئالدى بىلەن كۈزىتىپ ئوبدان ئانالىز قىلىش لازىم . بالىنىڭ ئاڭسىز ھالدا يالغانچىلىق ، ئالدامچىلىق قىلىشى كۆپىنچە يېشى كىچىك ، خاتىرىسى ئانچە ئېنىق بولمىغان ،
گەپنى ئېنىق سۆزلىيەلمەيدىغان ۋاقتىدا كۆرۈلىدۇ . بالىنىڭ يېشى سەل چوڭايغاندا ، ئۇلارنىڭ مەلۇم ئارزۇسى قانائەت ھاسىل قىلمىغاندا ، كۆپىنچە رىئاللىقنى خىيالىي
سۆزلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ – دە ، يەنىلا ئاڭسىز ھالدا يالغانچىلىق قىلىشى مۇمكىن .ئاتا – ئانا بولغۇچىلار بالىلاردا كۆرۈلىدىغان يالغانچىلىق قىلمىشىغا قارىتا ئەتراپلىق
كۆزىتىش ئېلىپبېرىپ ، ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق تېپىپ ، ئۈنۈملۈك بولغان تەربىيە ۋاستىسىنى قوللىنىش لازىم .
3 . ئۆزئارا سۆھبەتلىشىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
سۆھبەتلىشىشتە سۆز بىلەن قايىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم . ئاتا – ئانىلار ۋاقتىدا سۆھبەتلىشىپ ، سۆز بىلەن قايىل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ۋە
سۆھبەتلىشىشتە يېشىغا دىققەت قىلىش كېرەك . يېشى كىچىك بالىلارغا سۆز بىلەن قايىل قىلىشنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ . يېشى چوڭراق بالىلارغا نىسبەتەن
يالغانچىلىق قىلىشنىڭ ياخشى ئادەت ئەمەسلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش لازىم . بۇ ياشتىكى بالىلار نېمىنىڭ ياخشى ، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئېنىق
ئايرىيالمايدىغان بولغاچقا سۆھبەتنى ئاساسىي ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ، چۈشنىشلىك سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈش لازىم .



مەنبەســـــــى:  پەن ۋە تۇرمۇش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تورى سىزنىڭ ئەڭ توغرا تاللىشىڭىز!يۈتكەنلەرنى تاپايلى http://kizikix.com!

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2017-5-23 01:37 , Processed in 0.215622 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By 【未来科技 www.veikei.com】设计

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش