تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1155|ئىنكاس: 1

كەڭ جەميتىمىزدېكى ساخاۋەت ئىگىللىرىگە چاقىرىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

8

يازما

98

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
98

كەڭ جەميتىمىزدېكى ساخاۋەت ئىگىللىرىگە چاقىرىق


680542415295167708.jpg

ئىلھامجان باشچىلىقىدېكى يۈتكەنلەرنى تاپايلى ئەترىتىمىز ،يۈتۈپ كەتكەن بالىلارنى ئىزدەش ئۇچۇرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تارقىتىش نارسىدە يىتىم بالىلارنى قوغداش قاتارلىق خالىس ساخاۋەت تۈسىنى ئالغان،شىنجاڭ تەۋەلىكىدىكى ھەربىر شەھەر ناھىيەلەردە تارماق ئەترىتى بولغان ھازىرغىچە ئەترەتكە قاتناشقان پىدائىلار سانى 20نەچچە مىڭدىن ئاشقان ئۇچۇر ئىگەللەش ۋە تارقىتىش دائىرسى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرسىنى قاپلاپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قاراپ تەرەققى قىلۋاتقان قانۇنى جەھەتتىن ئەنگە ئېلىنغان مۇنتىزىم ئەترەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەترىتىمىز2015-يىلى7-ئايدا قۇرۇلغان قىسقىغىنە ۋاقىتتىن بېرى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرىمىز ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە.ئوت يۈرەك پىدائىللىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ھەرقايسى ۋىلايەت شەھەرلەردە يۈتۈپ كەتكەن بالىلارنى ئىزدەش توغرىسىدا ھەرخىل پائاليەتلەر ئېلىپ بىرىلدى، ئاتاقلىق كىشىللىرىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن پەرزەنىت تەربىيېسى ،مەن بىر پىدائى، بالىلارنىڭ يۇتۇپ كېتشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى قاتارلىق تىمىلاردىكى لىكسىيىلەر ئورۇنلاشتۇرلۇپ جەمئىتىمىزدە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىدى بۇ ئارقىلىق پىدائىللىرىمىز ئارسىدا يۈتۈپ كەتكەن بالىلارنى ئىزدەش دولقۇنى يەنە بىر باسقۇچ يۇقىرى كۆتۈرلۈپ ئۇچۇر يىغىش ۋە تارقىتىشتىن باشقا تەشكىللىنىپ بالىسى يۈتۈپ كەتكەن ئاتا ئانىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە بىۋاستە ئىزدەش ئېلىپ بىرىش دەرىجىسىگە يەتتى.
مۇشۇ يىل1-ئايدا يۈتكەنلەرنى تاپايلى تور بىكتىمىز ،ۋە تور بىكەت ئۈندىدار سالونىمىز رەسمى ئېچۋېتىلىپ يۈتۈپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ساقلاش ،دەل ۋاختىدا تارقىتىش،تېپىلغان بالىلارنى ئىزدەش ئۇچۇرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەھقىقلەپ خوش خەۋەرنى جەمىئەتكە ئاشكارلاش، شۇ ئارقىلىق تىپىلغان بالىلارنىڭ ۋاختى ئۆتكەن ئىزدەش ئىلانىلىرىنىڭ تور،ئۈندىدار قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىللىرىدا تارقىلىپ بەزى بىر ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.
باللىرى يۈتۈپ كەتكەن ئاتا ئانىلار بىۋاستە تور بىكتىمىزگە كىرىش ئارقىلىق ئۇچۇر يوللىسا ياكى تور بىكتىمىزگە چىقىرىپ قويۇلغان ئۆزى تۇرۇشلۇق رايۇندېكى تارماق ئەترىتىمىزنىڭ ئالاقىلشىش نومۇرى بىلەن ئالاقىلشىپ دەل ۋاختىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ.
بىز ھەربىر پىدائىمىزگە ئۇقتۇرمىزكى؛ سىز بارغان تۇرغان يەرلەردىكى يىشى14ياشتىن كىچىك بولغان سەبى بالىلارنىڭ تىلەمچىلىك قىلۋاتقان،ياكى يايما ئىچىپ ئولتۇرغان دىگەندەك ئورۇنلاردىكى بەزى بىر بىنورماللىقنى سېزىپ قالسىڭىز ،دەرھال رەسىمگە تارتۋېلىپ تور بىكتىمىزگە ياكى سالونىمىزغا يوللانغان يۈتۈپ كەتكەن بالىلارنىڭ رەسىملىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ.ياكى بىزگە يوللاپ بېرىڭ.ھەر بىرىمىز ئۆز ئەتراپىمىزغا مەسئۇل بولالىساقلا ئىشىنىمىزكى باللىرىمىز ھەرگىز يۈتۈپ كەتمەيدۇ.
پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى كاپالىتى ئۈچۈن جەمئىتىمىزدېكى كەڭ ساخاۋەت ئىگىللىرىگە شۇنداق چاقىرىق قىلىمىز ؛ئەترىتىمىزگە قاتنىشىپ بىر كىشلىك بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرشايلى
بىزنىڭ مەڭگۈلۈك نىشانىمىز بارلىقىمىز پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن

0

تېما

10

يازما

34

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
34
ۋاقتى: 2016-6-27 11:35:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەربىر ئاتا-ئانىلار بالىلىرىمىزغا بولغان بىخەتەرلىك تەربىيسىنى كۈچۈيتسەك ،پىدائىلار ئۆزمىزنىڭ مەسئۇليىتىنى ھەر ۋاقىت ئىسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك .
دۇنيا مىھرى -مۇھاببەت بىلەن ھەقىقى گۈزەل
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تورى سىزنىڭ ئەڭ توغرا تاللىشىڭىز!يۈتكەنلەرنى تاپايلى http://kizikix.com!

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2017-8-19 21:11 , Processed in 0.175036 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By 【未来科技 www.veikei.com】设计

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش