تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1172|ئىنكاس: 1

بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟(دىلنۇر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

11

يازما

71

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
71
1418-110Z613220881.jpg

بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟ يالقۇن روزى دادﯨلار ﻗﻪﻳﺴﻪرﻟﯩﻜﺘﻪ، ﭼﯩﺪام -ﺟﺎﺳﺎرەﺗﺘﻪ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﮬﯜﻧﻪردە، ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻘﺘﺎ، ﺋﻪل - ﻳﯘرﺗﻘﺎ ﮬﯩﻤﻤﻪت ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﺘﻪ ... ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮلاﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك. ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ۋە دۇﻧﻴﺎ ﻗﺎراﺷل


سىز كۆرىۋاتقان بۇ تېما بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟ ۋە مائارىپچى بىلوگىدىكى باشقا كۆپ قىسىم تىمىلار مائارىپچى بىلوگىغا بۇرۇنقى مائارىپچىلار مۇنبىرىدىن يۆتكەپ كىلىندى.ئەگەر سىزنىڭ باشقا كۆز قارىشىڭىز بولسا بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۇپ بېقىڭ.سىزنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن-مائارىپچى


ئاپتورى يالقۇن روزى


دادﯨلار ﻗﻪﻳﺴﻪرﻟﯩﻜﺘﻪ، ﭼﯩﺪام -ﺟﺎﺳﺎرەﺗﺘﻪ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﮬﯜﻧﻪردە، ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻘﺘﺎ، ﺋﻪل - ﻳﯘرﺗﻘﺎ ﮬﯩﻤﻤﻪت ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﺘﻪ ... ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮلاﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك.

ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ۋە دۇﻧﻴﺎ ﻗﺎراﺷلار ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜك ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎن دەۋردە ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻨﻰ ﻏﻪﭘﻠﻪت ﺑﯚﺷﯜﻛﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرۇۋاﻟﻐﺎن ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪك ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﺋﯩﺴﺘﺮاﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرﻏﺎن ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك.
ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺑﺰاس ﺳﯚز ﺋﺎﺑﺪۇﻗﺎدﯨﺮ ﺟﺎلاﻟﯩﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﻣﻪزﻛﯘر ژۇرﻧﺎﻟﻨﯩﯔ 2004 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 2 - ﺳﺎﻧﯩﺪا ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك؟ دﯦﮕﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺧﯩﺘﺎﺑﻰ. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜك ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﯘ ﺧﯩﺘﺎب ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚز ﻧﯚۋﯨﺘﯩﺪە ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﻚ دادﯨلارﻏﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷلا ﻣﺎس ﻛﯧﻠﯩﺪۇ! ﻣﻪن ﺋﺎﺷﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق دادﯨلار ﻛﯧﺮەك؟ دﯦﮕﻪن ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺟﯩﺪدﯨﻲ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.
ﻟﯘﺷﯜن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى 1920 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮى ﺑﯩﺰ ﮬﺎزﯨﺮ ﻗﺎﻧﺪاق دادا ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەك دﯦﮕﻪن ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠلاردﯨﻜﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘق دادﯨلار ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺋﯚﺗﻜﯜر ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﯨﻲ ﻣﯘلاﮬﯩﺰە ﻳﯜرﮔﯜزﮔﻪﻧﯩﻜﻪن. ﺷﯘ ﻳﯩﻠلاردا ﺟﯘﯕﮕﻮ زﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮى ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﻰﻧﻰ ﻗﻮزﻏﺎپ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ دوﻟﻘﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪۋج ﺋﺎﻟﺪۇرﻏﺎن. ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﻮرﻟﯘﻗﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺗﺎرﺗﻘﺎن ﺟﯘﯕﮕﻮ زﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮى ﻏﻪزەپ - ﻧﻪﭘﺮەﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﻛﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺗﻤﯘﻗﺎت ﻣﯜﺷﻜﯜل ﺋﻪﮬﯟاﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜرۈپ ﻗﻮﻳﻐﺎن ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮلارﻏﺎ، ﺗﻪﺳﻠﯩﻤﭽﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ، ﮬﻮﻗﯘﻗﭙﻪرەس ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺘﻠﻪرﮔﻪ ﺗﯩﻜﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﻣﻪﮬﻜﯘﻣﻠﯘﻗﻘﺎ ﻛﯚﻧﯜﻛﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺟﺎﺳﺎرەﺗﺴﯩﺰ دادﯨلارﻏﯩﻤﯘ ﺗﯩﻜﻜﻪن. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪردە دادﯨلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮازى ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن دﯦﮕﯜدەك ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺋﻮﺑﺮاز ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻳﺎرﯨﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﯜر ﺋﯩﺒﺎرﯨﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻟﻪﻧﮕﻪن. ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﭼﯩﻠﻪر ﻳﻮﻟلارﻏﺎ ﺋﻪﺳﻜﻰ دادا ﺗﻮﺷﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ دەپ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎن. ﺷﯘﯕﯩﻤﯘ ﺑﻪزى ﺋﻪرﺑﺎﺑلار ﺑﯘ ﻳﯩﻠلارﻧﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎرﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ دادﯨﻨﻰ دۇﻣﺒﺎلاش ﻳﯩﻠﻠﯩﺮى دەپ ﺋﺎﺗﺎﺷﻘﺎن.
ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﻪﭼﻪك - ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﻮﻳلاﻧﻐﺎﻧﺪا، ﻣﻪۋﺟﯘت ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻛﯜﻧﯜپ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا ۋە ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﮕﻪ ﭼﯚﻣﮕﻪﻧﺪە، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪا ﻛﺮﯨﺰﯨﺲ ﺋﯧﯖﻰ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺪۇ؛ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن، ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن؟ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك؟ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯧﺮەك؟ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ - ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﻳﻮﻟﻰ زادى ﻗﻪﻳﻪردە؟ دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﻧﯘﻗﺘﯩلاردﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘرۇپ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك؟، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق دادﯨلار ﻛﯧﺮەك؟ دﯦﮕﻪن ﺗﯧﻤﯩلار ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸلارﻣﯘ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻨﺪۇر.
ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇﭘﺘﯩﻤﯩﺰ: ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﯘش، ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ۋە ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗلاش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردە ﻗﺎﺗﻤﯘﻗﺎت ﺧﯩﺮﯨﺴﻘﺎ دۇچ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﮔﻪرﭼﻪ ﭘﯜﺗﻜﯜل ﻳﻪرﺷﺎرى ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪا ﺗﯜرﻟﯜك ﺳﺎﮬﻪﻟﻪر ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯚرۈﻟﯜۋاﺗﻘﺎن ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ رﯨﻘﺎﺑﻪت ۋە ﺧﯩﺮﯨﺲ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردە ﻳﻪﻧﯩلا ﭘﻪرﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﮬﺎزﯨﺮ ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ۋە ﺧﻪۋﭘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺧلاق - ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩﺸﺘﯘر. ﺑﯘﻧﻰﺑﯩﺰ دۇچ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺧﯩﺮﯨﺴلار ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ زور ﺧﯩﺮﯨﺲ دەپ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ، ﺋﻪﺧلاق - ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ﭘﯜﺗﻜﯜل ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪت ﺋﻮرﺗﺎق دۇچ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪدەپ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺗﻮﻏﺮا، ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪار ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻏﺎﻳﻪت زور ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺷﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ، ﻣﯚﺟﯩﺰە ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﭘﻪن - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﻪن ﺋﻪﻟﻠﻪردﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردﯨﻤﯘ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻲ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻣﻪۋﺟﯘت. ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا، ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺋﻪﺧلاق ﻛﺮﯨﺰﯨﺴﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﺗﺎﭘﻘﺎن ۋە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﺗﺎﭘﻤﯩﻐﺎن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻪل ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻮرﺗﺎق ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى، دەپ ﻗﺎراﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪن ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺧلاق - ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚزﮔﯩﭽﯩﺮەك، دەپ ﻗﺎراﻳﻤﻪن. ﺳﻪۋەﺑﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ زوﻗﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪت، ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ، ﻣﻪرداﻧﯩﻠﯩﻚ، ﺋﻮﭼﯘق - ﻳﻮرۇﻗﻠﯘق، ﺑﺎﺗﯘرﻟﯘق، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯜﻳﯜك ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﻧﻮﭘﯘزﻟﯘق ﺋﻪﺧلاق ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﺎﻳﺎﻗلاردﯨﻨﺪۇر ﻳﯘﻗﺘﯘرۇۋﯦﻠﯩﻨﻐﺎن ﭼﺎﻛﯩﻨﺎ ﺋﻪﺧلاق ﻗﺎراﺷلار ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻛﻠﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ، ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﭼﯚرۈپ ﺗﺎﺷلاﻧﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻗﺎراﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﭘﺎرﯨﺨﻮر ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارلارﻧﯩﯖﻤﯘ، ﺧﯘﺷﺎﻣﻪﺗﭽﻰ ﺟﺎن ﺑﺎﻗﺘﯩلارﻧﯩﯖﻤﯘ، ﻧﻮﻣﯘﺳﺴﯩﺰ ﺋﯩﭙﭙﻪت ﺳﻮدﯨﮕﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ، ﮬﺎرام ﺗﺎﻣﺎق ﮬﯘرۇﻧلارﻧﯩﯖﻤﯘ، ﺋﻪﻳﺘﺎۋۇر، ﺧﺮوﺋﯧﻦ ﺳﻮدﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧلارﻧﯩﯖﻤﯘ... ﺋﯚزى ﺋﯜﭼﯜن ﺗﻮﻏﺮا ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺗﺎلاي ﺋﻪﺧلاق ﺳﻪﭘﺴﻪﺗﯩﻠﯩﺮى ﺑﺎر. ﺋﯘلار ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەﭘﻠﯩﻤﻪ، ﭼﺎﻛﯩﻨﺎ، ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﺧلاق ﺳﻪﭘﺴﻪﺗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﯧﻴﯩﻘﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺳﯚزﻟﻪپ ﻳﯜرۈۋﯦﺮﯨﺪۇ. ﺋﯘﻧﺪاﻗلاردا ﻧﻪ ﮔﯘﻧﺎھ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ، ﻧﻪ ۋﯨﺠﺪاﻧﯩﻲ ﺋﺎزاب ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ، ﻧﻪ ﻧﻮﻣﯘس ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻳﻮق. ﺋﯘلار ﺋﯚز ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ - ﺋﻪﺗﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﺎﺧﺘﺎﻧﺴﺎ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﺪۇﻛﻰ، ﻗﯩﻠﭽﯩﻤﯘ ﺋﯚﻛﯜﻧﻤﻪﻳﺪۇ، ﺋﻪﭘﺴﯘﺳلاﻧﻤﺎﻳﺪۇ. ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯘزۇن، ﮔﻪپ - ﺳﯚزى ﻳﺎﯕﺮاق، ﻳﯜرۈش - ﺗﯘرۇﺷﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚرەڭ؟ ﺳﻪۋەﺑﻰ، ﺋﯘلار ﻧﻮﭘﯘزﻟﯘق ﺋﻪﺧلاق - ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ دﯦﻴﻪرﻟﯩﻚ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎن، ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎب ﺋﻪﺧلاق - ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪن. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘﺳﺴﯩﺰ ﻳﻮل ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎق ﺗﯜﮔﯜل، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺷﻪرەﭘﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﻰ، دەپ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﻪﺧلاق ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎﺳﺘﯩﻦ - ﺋﯜﺳﺘﯜن ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜپ ﺳﻪۋەب ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ دادﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدا. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ دادﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﺗﻜﻪن ﺋﻪﺳﯩﺮدﯨﻜﻰ 50 -، 60 -، 70 - ﻳﯩﻠلاردا ﺋﯚﺳﯜپ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪن. ﺋﯘ ﭼﺎﻏلاردا ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩلاﺑﯩﻲ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﺑﻪﻛﺮەك ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﻨﯩﭗ، ﮬﻪق - ﻧﺎﮬﻪق ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت - ﻧﻪﭘﺮەت ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ روﺷﻪن، ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن رەزﯨﻠﻠﯩﻜﻨﻰ ﭘﻪرق ﺋﯧﺘﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى ﻛﯜﭼﻠﯜك، ﮬﺎلال ﺑﯩﻠﻪن ﮬﺎراﻣﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ﺳﻪزﮔﯜر ﺋﺎدەﻣﻠﻪردﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪش ﻛﻪ ﻳﯧﺘﻪرﻟﯩﻚ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﮕﻪن. ﺑﯘ دادﯨلار ﺋﺎرﻗﺎ - ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻪﺧلاق ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ زۆرۈر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘپ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ۋۇﺟﯘدﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎب ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﮔﯜﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘرۇﻗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺮﯨﺸﻘﺎ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﻧﻮﭘﯘزﻟﯘق ﺋﻪﺧلاق ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪرﻟﯩﻚ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮەﻟﻤﯩﮕﻪن. ﭘﻪﻗﻪت، ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘپ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜن ﻛﻪﭼﯜرۈش ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨلا ﮔﻪپ - ﺳﯚز ﻗﯩلاﻟﯩﻐﺎن. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە ﻣﺎددﯨﻲ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻜﻪ ﺳﻪزﮔﯜر ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎدەﺗﻠﻪﻧﺪۈرۈﻟﮕﻪن ﺑﯘ ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪردﯨﻦ ﻣﺎل - دۇﻧﻴﺎﻧﻰ، ﮬﻮﻗﯘق - ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎزﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪلا ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺑﯘ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻪدەل ﺗﯚﻟﻪﺷﺘﯩﻦ، ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯘر ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻛﯜم ﻣﻪﺧﻠﯘﻗلارﻣﯘ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﯘلار ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن ﻧﻪرﺳﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﺎﺧﺘﺎﻧﺪى، ﮬﯘزۇرلاﻧﺪى. ۋەﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﻗﯘرﺑﺎن ﻗﯩﻠﯩﯟەﺗﻜﻪن ﺋﺎدﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﭽﯩﻤﯘ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳلاﻧﻤﯩﺪى، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻣﻪﮬﺮۇم ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎدﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﻗﺎدﯨﺮ ﺑﻮلاﻟﻤﯩﺪى. ﺋﺎدﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺑﯘ ﺋﻪۋلادﺗﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﯩﮕﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻪۋلاد ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪى(ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻗﺎرا - ﻗﻮﻳﯘق ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻳﺎﻗﺘﺎ ﮬﻪﻳﺪﯨﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﮬﻪﻣﻤﯩلا ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺋﻪﺧلاﻗﺘﺎ ﻳﺎرﯨﻤﺎس دﯦﮕﻪﻧﻨﯩﻤﯘ ﺗﻪرﻏﯩﺐ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﯩﺰ، ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ).
ﺋﺎدەﺗﺘﻪ، دادﯨلار ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯟى ﺋﻪﺧلاﻗﻨﯩﯔ ﮬﺎﻣﯩﻴﻠﯩﺮى ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﯘلارﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺧلاق ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ راۋۇرۇس ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪش ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﯩﺘﻰ ﻳﯜﻛﻠﻪﻧﮕﻪن؛ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﯜﻟﮕﻪ ۋە ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ ﺑﻮﻟﯘش ۋەزﯨﭙﯩﺴﻰ ﺋﻪﺟﺪادلاردﯨﻦ ﻣﯩﺮاس ﻗﺎﻟﻐﺎن. دﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮرۇن ﺋﺎﻟﺴﺎ، دادﯨلار ﺗﻪﻟﻪﭘﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﺑﺮاز ﺗﯩﻜﻠﻪﻳﺪۇ. دادا ﺋﯚز ﭘﺎدﯨﻠﯩﺮىﻧﻰ ﮬﻪر ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮬﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪا ﭘﺎدﯨﻠﯩﺮى ﺑﯚرﯨﮕﻪ ﻳﻪم ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ، ﺑﯚرﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﯕﻜﯜرﯨﮕﻪ ﺑﯩﻠﯩﭗ - ﺑﯩﻠﻤﻪي ﮬﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﺋﯚزى ﺧﺎلاپ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ.
ﺧﻮش، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ دادﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚز ﭘﺎدﯨﺴﻰﻧﻰ ﮬﻪر ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎلالاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﺧلاق ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﯩﻤﯘ - ﻳﻮق؟ ﻣﻪن ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ دادﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎراﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪۋلاد ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪش، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﺧﻪﺗﻪر ۋە ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯚﻛﺮەك ﻛﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ، ﻗﻪﻳﺴﻪر ۋە ﭼﯩﺪاﻣﭽﺎن ﺑﻮﻟﯘش، ﮬﺎلال ﻣﯧﮭﻨﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎﺷﺎش ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﻳﻨﺎۋاﺗﻘﺎن روﻟﯩﻐﺎ، ﭘﺎراﺳﯩﺘﻰ ۋە دﯨﻴﺎﻧﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪا ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ دادﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﻤﻪن. ﻣﻪرد - ﻣﻪرداﻧﻪ، ﺟﺎﺳﺎرەﺗﻠﯩﻚ، ﻏﯘرۇرﻟﯘق، ﻧﻮﻣﯘﺳﭽﺎن، ﭼﯩﺪاﻣﻠﯩﻖ، ﺋﻪرﻛﻪﻛﻠﻪرﮔﻪ ﺧﺎس دادﯨلارﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﺎزلاپ ﻧﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘرۇپ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺧﻪۋﭘﻰﮔﻪ دۇچ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪەك ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن. ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ، ﺋﯚﻳﯜﯕﻨﯩﯔ دﯦﺮﯨﺰە ﭘﻪردﯨﺴﻰ ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻘﻜﻪن دەپ ﻗﻮﻳﺴﺎ، ﮬﻪﭘﺘﯩﻠﻪپ ﺧﯘﺷﺎل ﻳﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺧﯧﻨﯩﻢ ﻣﯩﺠﻪز دادﯨلارﻧﻰ؛ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﯔ ﻛﯚرۈﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﯘ؟ دەپ ﺳﻮرﯨﺴﺎ، ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﻣﺮاق دەپ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻳﯘﻣﺸﺎﻗﺒﺎش دادﯨلارﻧﻰ؛ ﻳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ - ﻳﺎﻟﯟۇرۇپ ﻳﺎﺷﺎﺷﻘﺎ ﻛﯚﻧﯜﻛﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪن لاﻳﻐﻪزەل دادﯨلارﻧﻰ؛ ﮬﯩﻤﻤﻪت - ﻏﻪﻳﺮﯨﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﺎﻧﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺗﻪﻣﻪﺧﻮرﻟﯘق ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺋﺎدەت ﻗﯩﻠﯩﯟاﻟﻐﺎن لاﻟﻤﺎ ﻣﯩﺠﻪز دادﯨلارﻧﻰ؛ ﺋﻪﻣﻪل - ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﭼﺎي ﺋﻮﻳﻨﺎپ ﮬﺎرﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﭘﺎﺧﭙﺎق دادﯨلارﻧﻰ؛ ﺋﯚزى ﺋﻪرﻛﻪك ﺗﯘرۇپ ﺋﻪرﻟﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻨﻰ ﻧﻮﻣﯘس ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن زەﻳﭙﺎﻧﻪ ﻣﯩﺠﻪز دادﯨلارﻧﻰ؛ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﺗﯘﻟﻜﺎ ﺑﻪدﺑﯘي ﮬﺎراﻗﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺳﻮرۇﻧﻤﯘﺳﻮرۇن ﺳﻮﻛﯘﻟﺪاپ، ﺗﯧﺘﯩﻘﺴﯩﺰ ﻳﯘﻣﯘرلارﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭗ ﮬﺎرﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﺎﻣﺎﻗﻪت دادﯨلارﻧﻰ؛ ﻟﻪۋزﯨﺪە ﺗﯘرﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﻜﺎرﻟﯩﻖ، ﺳﺎﺗﻘﯩﻨﻠﯩﻖ، ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪزﻟﯩﻚ، ﺳﯘﺧﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻜﺘﻪك ﭘﻪﺳﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ ﺟﺎﮬﺎﻧﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟاﻟﻐﺎن ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ دادﯨلارﻧﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﻛﯚرۈپ ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪا، دادﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪۋار ﺑﻮﻟﯘش ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯘ؟ ﺑﯘﻧﺪاق دادﯨلار ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯧﻴﯩﻦ ﻛﯜﻧﻠﻪرﮔﻪ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪۇ، دەپ ﻛﯩﻢ ﺋﯧﻴﺘﺎلاﻳﺪۇ؟ ﺑﯘﻧﺪاق دادﯨلار ﺋﯚز ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎب ﺋﻪﺧلاق ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﯘرالاﻣﺪۇ؟
ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇﻛﻰ، ﺑﯘﻧﺪاق دادﯨلار ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎپ، ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ روﮬﯩﻨﻰ ﻛﺎردﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘلارﻧﻰ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻧﯩﯔ ﭘﺎﺗﻘﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﺎﺗﯘرۇپ ﻗﻮﻳﯩﺪۇ.
ﺋﻪﻧﺪى ﺑﯘﻧﺪاق داداﻟﯩﻖ ﺋﻮﺑﺮازﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯜزۈل - ﻛﯧﺴﯩﻞ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﭘﻪﻳﺖ ﻛﻪﻟﺪى. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻣﯚﻟﭽﻪرﻟﯩﮕﯜﺳﯩﺰ ﻛﯧﻠﻪﭼﻪك ﻛﯜﺗﯜپ ﺗﯘرﻣﺎﻗﺘﺎ.ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﻣﯘﻧﺪاق ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪپ ﻗﻮﻳﯘش ﻛﯧﺮەك: دادﯨلار _ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜۋرۈﻛﻰ، ﻗﻮل، ﻗﺎﻧﯩﺘﻰ. دادﯨلارﻧﯩﯔ ۋۇﺟﯘدى ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪت ﺑﯩﻠﻪن، ﺑﺎﺗﯘرﻟﯘق ﺑﯩﻠﻪن، ﭼﯩﯟەرﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن، ﺋﻪﻗﯩﻞ ۋە دﯨﻴﺎﻧﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﺋﯘ ﻳﻪردە دﯦﻠﯩﻐﯘﻟﻠﯘق، ﻣﯜﺟﻤﻪﻟﻠﯩﻚ، ﭘﻪﻣﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ﺑﯧﻠﻰ ﺑﻮﺷﻠﯘق، ﺳﺎداﻗﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ، ﮬﯘرۇﻧﻠﯘق ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮەك. دادﯨلار ﻗﻪﻳﺴﻪرﻟﯩﻜﺘﻪ، ﭼﯩﺪام - ﺟﺎﺳﺎرەﺗﺘﻪ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﮬﯜﻧﻪردە، ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻘﺘﺎ، ﺋﻪل - ﻳﯘرﺗﻘﺎ ﮬﯩﻤﻤﻪت ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﺘﻪ ... ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮلاﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك.
ﻣﯘﺷﯘلارﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك؟ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺑﺎرﻟﯩﻖ دادﯨلار ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ دەﯕﺴﻪپ ﻛﯚرۈﺷﯩﻤﯩﺰ ۋە ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜرۈش ﺋﯜﭼﯜن ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻤﯩﺰ لازﯨﻢ.

كىلىش مەنبەسى ئېنتىرنىت  

0

تېما

1

يازما

6

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
6
ۋاقتى: 2016-12-31 09:10:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ جەمئيتىمىزدە خېلى كۆپ بۇنداق دادادېكلەر…
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تورى سىزنىڭ ئەڭ توغرا تاللىشىڭىز!يۈتكەنلەرنى تاپايلى http://kizikix.com!

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2017-6-25 08:01 , Processed in 0.184872 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By 【未来科技 www.veikei.com】设计

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش