تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1118|ئىنكاس: 0

بىزگە قانداق بالىلار كېرەك؟(دىلنۇر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

11

يازما

71

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
71
214833-120R109320696.jpg

ىزگە قانداق بالىلار كېرەك؟


ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎرا ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﻧﻪ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜش، ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﺷﻪﭘﻘﻪت ﻳﻪﺗﻜﯜزۈش، ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸلارﻧﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﭙﻪرەﺳﻠﯩﻚ، ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺋﺎﻟﺪاﻣﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪزﻟﯩﻚ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ، ۋاﭘﺎﻏﺎ ﺟﺎﭘﺎ ﻳﯧﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪردە، ﺋﻪﮔﻪر ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ۋاﭘﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﻪ، ﻛﯩﻤﺪﯨﻨﻤﯘ ۋاﭘﺎ ﻛﯧﻠﻪر؟

ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘرى، ﺋﯚﺗﻜﯜر ﻗﻪﻟﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ دﯨﻘﻘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﺎزاۋەر ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮرﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺋﺎﺑﺪۇﻗﺎدﯨﺮ ﺟﺎلاﻟﯩﺪﯨﻦ، ﻳﺎﻟﻘﯘن روزى ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪر ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك؟، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق دادﯨلار ﻛﯧﺮەك؟ دﯦﮕﻪن رﯦﺌﺎل ﺗﯧﻤﯩﺪا ﺋﻪﺳﻪر ﻳﯧﺰﯨﭗ، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ 2 - ۋە 4 - ﺳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ، ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺋﯩﻨﻜﺎس ﻗﺎﻳﺘﯘردى ۋە ﺑﯩﺰدﯨﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﺎﻟﯩلار ﻛﯧﺮەك؟ﻟﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎز - ﺗﻮلا ﺑﯩﺮﻧﯧﻤﻪ دﯦﻴﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﺪى. دەرۋەﻗﻪ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﻪززاﺳﻰ ﺋﺎﻧﯩلارﻏﺎ، دادﯨلارﻏﺎ زاﻣﺎن ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﮬﻪﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪەك، ﺑﺎﻟﯩلارﻏﯩﻤﯘ زاﻣﺎن ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﮬﻪﻗﻠﯩﻘﺘﯘر.
ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلاردﯨﻦ ﻛﯜﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯜﻣﯩﺪﯨﻤﯘ زاﻣﺎن - ﻣﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘرﻏﯩﻨﯩﺪەك، ﺑﺎﻟﯩلاردﯨﻦ ﻛﯜﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯜﻣﯩﺪﻣﯘ زاﻣﺎن - ﻣﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ ﺑﺎرﯨﺪۇ.
ﻣﻪن ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻣﺪە، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﺎﻟﯩلار ﻛﯧﺮەك؟ دﯦﮕﻪن ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻣﯘلاﮬﯩﺰە ﻳﯜرﮔﯜزﯨﻤﻪن.

ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩلار ﻛﯧﺮەك

ﻏﺎﻳﻪ __ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎل ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﻨﯩﯔ دوﻗﻤﯘش - دوﻗﻤﯘﺷﻠﯩﺮﯨﺪا ﻳﻮل ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻧﯘرﻟﯘق ﻣﺎﻳﺎك. ﻏﺎﻳﯩﺴﯩﺰ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن ﺋﺎدەم ﻗﺎراﯕﻐﯘ ﺋﯚﯕﻜﯜردە ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎن ﭼﯚل - ﺟﻪزﯨﺮﯨﺪە ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎي ﺗﯧﯖﯩﺮﻗﺎپ ﻳﯜرﮔﻪن ﺳﻪﻳﻴﺎﮬﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪۇ. ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلار ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﻏﺎﻳﯩﺴﯩﺰ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﭘﺎرلاق ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺗﯩﻜﻠﻪپ ﺑﯧﺮەﻟﻤﯩﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﺎﻟﯩلار ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ - ﺳﺎۋاق ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻗﯩلاﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ روﮬﯩﻨﻰ ﺧﯘش ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ، ﺋﯚز ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﻪپ ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘﺷﻰ لازﯨﻢ؛ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلار ﻳﯜﻛﺴﻪك ﻏﺎﻳﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎﺷﺎپ، ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪت ﻗﺎزﯨﻨﯩﭗ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﭘﺎرلاق ﺋﯜﻟﮕﻪ ﻳﺎراﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﺎﻟﯩلار ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟار ﻏﺎﻳﻪ ﺗﯩﻜﻠﻪپ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﻪﻧﺪۈرﮔﯜدەك ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻗﯩلاﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك.
ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﻠﯩﻢ - ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﺳﺎﭘﺎ - ﺋﯩﻘﺘﯩﺪاردا، ﺋﯩﺠﺎد - ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﺘﺎ ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎن روﮬﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩلار ﻛﯧﺮەك. ﭼﯜﻧﻜﻰ زاﻣﺎن - ﻣﺎﻛﺎن ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺑﻪردى. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 20 ﻳﯩﻠلار ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى، ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ زاﻣﺎن ﺋﯘﭼﯘر ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎرﻗﺎﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ ﺑﯘ ﻗﻪدەر ﺋﻮﻣﯘﻣلاﺷﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪى. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ۋە ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚپ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ زۆرۈرﻟﯜﻛﯩﻤﯘ ﮬﺎزﯨﺮﻗﯩﺪەك ﺟﯩﺪدﯨﻲ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪى.
ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﻪن - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت، ﭘﻪن ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎن ﺗﻪﻟﻪپ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨلاۋاﺗﻘﺎن زاﻣﺎن ۋە ﻣﺎﻛﺎﻧﺪا ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎﻧﯩﻜﻪن، ﮬﻪر ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﻜﯜدەك ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ، ﺋﯚز ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﮕﻪ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﻪ، ۋەﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺷﺎن - ﺷﻪرەپ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈﺷﻰ لازﯨﻢ. ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎم ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻳﻪردە، ﻣﻪن ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﭽﯩﺪﯨﻢ دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﺎراﺷﻨﻰﻣﯩﺸﭽﺎن ﺑﺎﻟﯩلار ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﻰ دەپ ﻗﺎراﻳﻤﻪن.
ﺷﯘﻧﺪاق ﺟﻪزﻣﻠﻪﺷﺘﯜرۈﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇﻛﻰ، ﻗﺎﻳﺴﻰ زاﻣﺎﻧﺪا، ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮى ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﻜﻪن ﻣﯩﻠﻠﻪت، دۆﻟﻪت روﻧﺎق ﺗﺎﭘﻘﺎن، ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪن، دەۋر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪڭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﮕﻪن ﻣﯩﻠﻠﻪت، دۆﻟﻪت ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﭘﺎلاﻛﻪت ﺑﺎﺳﻘﺎن، ﺧﺎراﺑلاﺷﻘﺎن، دەۋرﻧﯩﯔ ﺋﺎرﻗﯩﺴﯩﺪا ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻣﯩﻠﻠﻪت، دۆﻟﻪت ﺑﻮﻟﯩﺪۇ: ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘر. ﺋﻪﮔﻪر ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﯩﻢ - ﺳﻪۋﯨﻴﻪ، ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪت - ﺋﯩﻘﺘﯩﺪار، ﺋﻪﺧلاق - ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﯩﺴﻪ، ﺋﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ زاﻣﺎﻧﻐﺎ لاﻳﯩﻖ روﻧﺎق ﺗﺎﭘﻘﺎن ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎ، ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯘرۇق - ﺗﯘﻏﻘﺎن ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻗﻮﻟﯘم - ﻗﻮﺷﻨﯩلارﻣﯘ ﺋﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ، ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮى ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﺳﯩﺰ، ﻧﺎﻛﻪس، ﻧﺎن ﻗﯧﭙﻰ، روﮬﻰ زەﺋﯩﭗ، ﺋﻪﺧلاق - ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﺘﻪ ﭼﯜﺷﻜﯜن، ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪز، ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﻰ، ﺋﺎﻟﺪاﻣﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﭼﯩﻘﺴﺎ، ﺋﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﺧﺎراﺑﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﯩﺪۇ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﻏﻪم - ﻗﺎﻳﻐﯘ، ﮬﻪﺳﺮەت ﻗﯩﻴﻨﺎﻳﺪۇ، ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻧﯩﮕﻪ داغ ﭼﯜﺷﯩﺪۇ.
دﯦﻤﻪك، ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﯘپ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘز ﺷﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯖلا ﺋﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪس. ﺋﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪت.

ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎن ﺑﺎﻟﯩلار ﻛﯧﺮەك

ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر دۇﻧﻴﺎدا ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﻛﯜن ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﺷلا ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎدا ﻗﯩﻠﯩﺶ __ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﭘﺴﯩﺨﯩﻜﺎ ۋە ﻓﯩﺰﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﺎﻏلام ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ داۋاﻣلاﺷﺘﯘرۇش ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮرۇﻧﺪاش؛ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺋﯜﭼﯜن، ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﯜﭼﯜن، ۋەﺗﻪن ﺋﯜﭼﯜن ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺶ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮرۇﻧﺪاش؛ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪپ، ﺋﯚز ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﯨﻐﯩﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜرﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮرۇﻧﺪاش دەپ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ. ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎن ﺑﺎلا ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﺪۇر، ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﻚ ﺑﺎلا ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﺪۇر.
ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯘر. ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺋﯩﭙﺎدﯨﺴﻰ __ ﺋﯩﺶ ﺧﯘﺷﻴﺎﻗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﻟﻪﻗﯟاﻟﯩﻖ، ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﺘﯘر. ﺋﯘﻧﺪاﻗلار ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘن، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘن، ﺋﺎزراﻗلا ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ۋە ﺋﺎۋارﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺴﯩلا، ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺗﻮﭘﺘﻪك ﺑﻮﺷﯩﺸﯩﭙلا ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ۋە ﺋﺎۋارﯨﭽﯩﻠﯩﻘلارﻧﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜرۈپ، ﺗﯘرﻣﯘش ﻣﯜﺷﻜﯜلاﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﮕﯩﻜﯩﺪە ﺗﺎﺳﻘﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨلا، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ - ﺳﺎۋاﻗﻘﺎ، ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﺎر ﺗﻪﺳﯩﺮات، ﮬﺎﺳﯩلاﺗلارﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪۇ.
ﻛﯚزﻟﯩﮕﻪن ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻤﻪي ﺗﯘرۇﭘلا ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ۋاز ﻛﯧﭽﯩﺶ، ﺋﺎز - ﺗﻮلا ﻳﯜزەﻛﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭙلا ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﻣﯩﻨﻰ، ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﭼﺎﻏلاپ، ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﯜﭼﯜن ﺟﺎن ﻛﯚﻳﺪۈرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪق، ﮬﺎﻣﺎﻗﻪت دەپ ﺑﯩﻠﯩﺶ __ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ.
ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚزى ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻗﯩلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮۇﺳﺎڭ ﻗﯩلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻗﯩلاﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﺗﯧﭙﯩﺶ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪەك ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﺎداﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪۋج ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ زاﻣﺎﻧلاردﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻗﺎﺷﺸﺎﻗﻠﯩﻖ، ﻟﻪﻗﯟاﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﯩﻨﺪﯨﻠﯩﺮى، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﭘﻪن - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ، ﺋﯘﭼﯘر دەۋرﯨﺪە ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎن ﺑﺎﻟﯩلاردا ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮەك.

ﺑﯩﺰﮔﻪ ۋاﭘﺎدار ﺑﺎﻟﯩلار ﻛﯧﺮەك

ﺑﺎﻟﯩلار __ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪى، ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪى، ﺑﺎﻟﯩلار __ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلار ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪق ﺷﺎﮬﯩﺪﻟﯩﺮى ۋە ﺟﻪﻣﻪت ﺷﻪﺟﻪرﯨﺴﯩﻨﻰ داۋام ﺋﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪردۇر.
زاﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺗﻠﯩﻖ، ﺑﯩﻠﯩﻢ - ﺋﯩﻘﺘﯩﺪار ﺋﯩﮕﯩﻠﻪش ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻛﻪڭ، ﺋﯚز ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺟﺎرى ﻗﯩﻠﺪۇرۇش ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﺑﻮﻟﻐﺎن، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﺎﺷﺎش رﯨﻘﺎﺑﯩﺘﻰ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﻳﺎﺷﯩﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺷﺎراﺋﯩﺘﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ۋﯨﺠﺪاﻧﯩﻲ ﺑﯘرچ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ روﮬﯩﻲ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﻠﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﻳﻮق. ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ روﮬﯩﻲ ﺑﯧﺴﯩﻤﺪﯨﻦ، ﻏﻪم - ﻗﺎﻳﻐﯘدﯨﻦ، ﺋﺎۋارﯨﭽﯩﻠﯩﻘلاردﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪۇرۇش ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻘﻨﻰ ۋﯨﺠﺪاﻧﯩﻲ ﺑﯘرچ ﮬﯧﺴﺎﺑلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﯚﺗﻪﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﻪﺗﺘﯘر.
ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق زاﻣﺎﻧﺪا، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلار ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ۋاﭘﺎدار ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ، ﻳﺎراﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘش ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚزى ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﻨﻰ، ﺋﯚز ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ، ﺋﯚز ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﮕﻪ ﺋﺎۋارﯨﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺋﺎر - ﻧﻮﻣﯘس ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﻳﯩﺸﻠﯩﻖ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈﺷﯩﻨﻰ، ﺷﺎن - ﺷﻪرەپ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈﺷﯩﻨﻰ ﺋﺎرزۇ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎرزۇ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ، ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﻗﻮۋﻣﮕﻪ ﺋﻮرﺗﺎﻗﺘﯘر.
ﺋﻪﻣﺪى ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ رﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻧﻪزەر ﺳﺎﻟﺴﺎق، 20 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 80 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ۋە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﯩﯔ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، رەﯕﺪارﻟﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺋﻪرﻛﯩﻨﺠﺎﻧلار، ﮬﯚرﯨﻴﻪﺗﻘﯩﺰلار، ﺋﻪزﯨﺰﺟﺎﻧلار، ﺷﯧﺮﯨﻨﺠﺎﻧلار ﻗﻮۋﻣﻰ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ، ﻏﻪم - ﻗﺎﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎرى ﻳﻮﻗلا، رەﯕﮕﺎرەڭ ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ، ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻳﺎﺷﺎش ﻣﺎﮬﺎرﯨﺘﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﻛﯚرە، ﺋﻮﻳﯘن - ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪى، ﻣﻮدا دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن ﺷﺎﻣﺎﻟﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻛﻪﻟﺴﻪ - ﻛﻪﻟﻤﻪس ﭘﻪدﯨﮕﻪ ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺋﻮﻳﻨﯩﺪى. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎلال ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎي، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻏﻪم - ﻗﺎﻳﻐﯘﻏﺎ ﺳﺎﻟﺪى. ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﻟﺐ ﺗﺎرازﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎدﯨﻠﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺷﻪك ﭼﯜﺷﺘﻰ. ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﺧلاق ﻣﯩﺰاﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪزەر، ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻖ ﻛﯜﺗﯜش، ۋﯨﺠﺪان ﻛﯜﺗﯜش ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎ ﻗﻪﻟﺐ ﺗﺎرازﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚزﮔﻪرﻣﻪس ﺗﯧﺸﯩﺪۇر. ﮬﺎزﯨﺮ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎ ﻗﻪﻟﺐ ﺗﺎرازﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ۋاﭘﺎ، ۋﯨﺠﺪان ﻛﯜﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﯧﺸﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺴﻪ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚپ ﻳﺎردەم، ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﺷﻪﭘﻘﻪت ﻛﯜﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﻗﻪﻟﺐ ﺗﺎرازا ﺗﯧﺸﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ ﺗﯘرﻣﺎﻗﺘﺎ. ﺑﯘﻧﺪاق ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻘلار ﻣﯘﻗﻪررەر ﮬﺎﻟﺪا ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﻟﺒﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﻗﺎﺗلاﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻣﻨﯘﻧﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﯘﭼﻘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎغ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ.
ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎ ﻗﻪﻟﺒﻰ ﺷﯘ ﻗﻪدەر ﭘﺎك، ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺋﯘلار ﺋﻪۋلادﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ __ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﻧﻪۋرﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﭼﻪۋرﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺟﺎﭘﺎ ﺋﻪﻣﻪس، ۋاﭘﺎ ﻛﯜﺗﯩﺪۇ. ﮬﺎزﯨﺮ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﺎﻟﯩلار ﻗﻮﯕﺎﻣﺪا ﺋﯩﺸﺘﺎن ﻳﻮق، ﺋﯧﺘﯩﻢ ﻣﺎرﺟﺎﻧﺒﯜۋى دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﺷﯚﮬﺮەﺗﭙﻪرەﺳﻠﻪر، ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﺨﻮرلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﺘﯘرۇۋاﻟﺪى. ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﺎﻟﯩلار، ﻗﯧﻨﻰ ﺋﻮﻳلاپ ﺑﯧﻘﯩﯖلار: ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﯕلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ روزﯨﻐﺎرﯨﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﺋﯚزۈﯕلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن ﻛﯜن ﭼﯧﻴﻰدا ﺳﻮرۇۋﯦﺘﯩﻠﺴﻪ، ﺑﯘ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﯕلارﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎن ۋاﭘﺎﻳﯩﯖلارﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﺎﭘﺎﻳﯩﯖلارﻣﯘ؟
ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﯕلار ﺋﺎددﯨﻲ ﺋﯚﻳﻠﻪردە، ﺗﯧﺠﻪپ - ﺗﯚﺷﻪپ ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﻪﭼﯜرۈپ، ﺗﺎﭘﻘﺎن - ﺗﻪرﮔﯩﻨﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻮﻳﻠﯩﺮﯨﯖلار ﺋﯜﭼﯜن، راﮬﻪت - ﭘﺎراﻏﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﯘﯕلار ﺋﯜﭼﯜن ﻗﯘرﺑﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪ، ﺋﻮﻳلاپ ﺑﯧﻘﯩﯖلار، ﺑﯘ ﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﯕلار ﺋﯜﭼﯜن ﻗﯩﻠﻐﺎن ۋاﭘﺎﻳﯩﯖلارﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﺎﭘﺎﻳﯩﯖلارﻣﯘ؟
ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﯕلار ﺗﺎﭘﻘﺎن - ﺗﻪرﮔﯩﻨﯩﻨﻰ ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻗﻪدەر ﺋﻮﻗﯘﺗﺴﺎ، ﺳﯩﻠﻪر ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺋﯚزۈﯕلارﻧﻰ ﺋﯚزۈﯕلار ﻗﺎﻣﺪاش ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻤﻪي، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻳﺎراﺗﻤﺎي، ﭼﻮڭ ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﻗﯩلاﻟﻤﺎي، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﯕلارﻏﺎ ﻳﯜك ﺑﻮﻟﯘۋەرﺳﻪﯕلار، ﻗﯧﻨﻰ ﺋﻮﻳلاپ ﺑﯧﻘﯩﯖلار، ﺑﯘ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﯕلارﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎن ۋاﭘﺎﻳﯩﯖلارﻣﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﺎﭘﺎﻳﯩﯖلارﻣﯘ؟
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎرا ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﻧﻪ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜش، ﻣﯧﮭﯩﺮ - ﺷﻪﭘﻘﻪت ﻳﻪﺗﻜﯜزۈش، ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸلارﻧﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﭙﻪرەﺳﻠﯩﻚ، ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺋﺎﻟﺪاﻣﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪزﻟﯩﻚ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ، ۋاﭘﺎﻏﺎ ﺟﺎﭘﺎ ﻳﯧﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪردە، ﺋﻪﮔﻪر ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ۋاﭘﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﻪ، ﻛﯩﻤﺪﯨﻨﻤﯘ ۋاﭘﺎ ﻛﯧﻠﻪر؟
ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺑﺎلا ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚرۈﺷﻰ لازﯨﻢ. ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﯩﻨﺴﺎپ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﻳﯜﻧﮕﻪﻧﺴﯧﺮى، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ۋاﭘﺎدار ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ دەردﯨﮕﻪ دەرﻣﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎرﯨﭽﻪ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎددﯨﻲ ۋە ﻣﻪﻧﯩﯟى ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﺘﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪا ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﻰ لازﯨﻢ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ، ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﺪۇر.
ﻣﻪن ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻪﻟﻪم ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﻗﻪﻟﻪم ﺗﻪۋرﯨﺘﯩﭗ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﺎﻟﯩلار ﻛﯧﺮەك؟ دﯦﮕﻪن ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻣﯘلاﮬﯩﺰە ﻳﯜرﮔﯜزۈپ، ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻛﻪﻣﺘﯜك ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻣﯩﺴﺎﻟلار ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻟﯘﻗلاپ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪۋﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن.

سىز كۆرىۋاتقان بۇ تېما بىزگە قانداق بالىلار كېرەك؟ ۋە مائارىپچى بىلوگىدىكى باشقا كۆپ قىسىم تىمىلار مائارىپچى بىلوگىغا بۇرۇنقى مائارىپچىلار مۇنبىرىدىن يۆتكەپ كىلىندى.ئەگەر سىزنىڭ باشقا كۆز قارىشىڭىز بولسا بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۇپ بېقىڭ.سىزنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن-مائارىپچى

ئەسكەرتىش ئاپتورىنى ئۇخمايمەن كىلىش مەنبەسى ئېنتىرنىت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تورى سىزنىڭ ئەڭ توغرا تاللىشىڭىز!يۈتكەنلەرنى تاپايلى http://kizikix.com!

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2017-8-19 21:11 , Processed in 0.187852 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By 【未来科技 www.veikei.com】设计

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش