تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1129|ئىنكاس: 1

بالام ( زۇلپىيە يارمۇھەممەت )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

11

يازما

58

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
58
بالام
زۇلپىيە يارمۇھەممەد (زۇلفى)


تولغىنىمەن ئاچچىق ئازاپتا ،
سىغىنىشتا بالامنى ئ‍ەسلەپ.
بىر تىنىقتا مىڭ بالام دەيمەن،
بىرىپ بەرداش پىغاننى قەسلەپ.

ئ‍ۆتتى مىنۇت ئ‍ۆتتى سائەتلەر،
ئ‍ۆتتى كۈنلەر ئ‍ۆتتى كۆپ ۋاقىت.
نەدىن كىلەر خۇشال خەۋەرلەر؟
بولالمىدىم گۇماندىن ساقىت.

جىنىم بالام ئ‍ومىقىم بالام ،
كۆزۈم نۇرۇم يۇمشىقىم بالام.
ناتىۋانىم بىغۇبار بالام،
نەلەردىسەن ھاياتىم بالام.

خۇشال ئىدىم بىر چاغدا سەن بار،
كۈلەر ئىدىم قىلىقلىرىڭغا.
شۇخلۇقىڭغا ۋاقىراپ قۇيسام،
چىدىمايتتىم يىغىلىرىڭغا.

يۈرۈكۈمدە تامچىيدۇ قان- قان،
بوغۇزۇمدا ئاچچىق بىر پەيمان.
يوقاپ كەتتىڭ تۇيۇقسىز سىرلىق،
قانداق قىلاي بۇ دەرتكەن يامان.

قايتىپ كەلگىن يىنىمغا تىزراق،
ئ‍ۈمۈتلىرىم ئۈزۈلمەس كۈتۈپ.
تۇتۇۋالاي،پۇرىۋالاي مەن،
قارا كۈنلەر كەتسۇن ھەم ئۆتۈپ.

جىنىم بالام جىگىرىم بالام،
ئ‍وماق قوزام تايچىقىم بالام.
گۈل يۈزلىكىم ئ‍امرىقىم بالام،
قايتىپ كەلگىن يىنىمغا بالام.


بالىسى يۈتكەن بىر دوستۇمنىڭ نالىسدىن پۈتۈلگەن مىسرالار.
دۇنيا مىھرى مۇھاببەت بىلەن گۈزەل

0

تېما

10

يازما

34

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
34
ۋاقتى: 2016-5-8 19:34:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپمۇ يۈرەكنى ئەزدى .
دۇنيا مىھرى -مۇھاببەت بىلەن ھەقىقى گۈزەل
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تورى سىزنىڭ ئەڭ توغرا تاللىشىڭىز!يۈتكەنلەرنى تاپايلى http://kizikix.com!

Archiver|يانفون|قاماقخانا|Comsenz Inc.  

GMT+8, 2017-5-23 01:35 , Processed in 0.220326 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Templated By 【未来科技 www.veikei.com】设计

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش